ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا قول تىققانلىقىنى تەنقىدلىدى.

كومىتېتنىڭ باشلىقلىرىدىن كىرىستوفېر سىمىس ۋە ماركو رۇبىيولار باياناتتىكى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىقنى ياقىلايدىغان يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىنى توسۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خوڭكوڭنىڭ سىياسەتتىكى ئەركىنلىكى ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پرىنسپلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىق ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.

ئۇلار باياناتىدا يەنە، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەممە تەرەپلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خوڭكوڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈك. ئەگەر خوڭكوڭ بىر ساختا ئاپتونومىيىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىمۇ خوڭكوڭغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى كېرەك. ئامېرىكا چوقۇم خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى دەستەكلىشى كېرەك» دېگەن.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارى يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتقا قايتىدىن قەسەم بېرىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى توسقاندىن كېيىن، بۇ خوڭكوڭدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلىپ، نامايىشقا سەۋەب بولغان ئىدى.