خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ قەسەم مۇراسىمىدا كېلىپ چىققان ۋە 3 ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان دەتالاش بۈگۈن ماجىراغا ئايلانغان، ماجىرادا 6 نەپەر ئامانلىق خادىمى يارىلانغان.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ بۈگۈنكى يىغىنى باشلىنىشتىن بىر مىنۇت بۇرۇن، بۇ يىغىن زالىغا كىرىشى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان پارلامېنت ئەزاسى باگىئو لېڭ بىلەن ياۋ ۋاىچىڭ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەن. باگىئو لېڭ زالنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە بىر مىكروفوننى قويۇپ، پارلامېنتنىڭ قەسەمنامىسىنى ئوقۇشقا باشلىغان. بۇ چاغدا پارلامېنت ئامانلىق خادىملىرى، بۇ ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى يىغىندىن چىقىرىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلغان؛ زالدىكى باشقا دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بولسا، ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئوتتۇرىسىغا ئېلىۋېلىپ قوغدىغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ماجىرا يۈز بېرىپ 6 نەپەر ئامانلىق خادىمى يارىلانغان.
ۋەقەدىن كېيىن پارلامېنت باشلىقى مەزكۇر ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنى «باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن چاتىقى بولمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن، قارشى تەرەپ بولسا، ئۆزلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ماجىراغا سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئۆتكەن ئايدا قەسەم مۇراسىمىدا خوڭكوڭ جۇڭگو ئەمەس دېگەن پىلاكاتنى كۆتۈرگەن ۋە قەسەمنامىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنىنىڭ قانۇنىيلىقى ھەققىدە سوتنىڭ ھۆكۈمى كۈتۈلۈۋاتقان ئىدى.