2014-يىلى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش داۋامىدا بىر نامايىشچىنى كالتەك بىلەن ئۇرغان ساقچى خادىمى فرانكىي چۇ يېقىندا خوڭكوڭ سوتى تەرىپىدىن 3 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ساقچىغا ئەسلىدە 4 ئايلىق قاماق جازاسى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن، ئەمما ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىققان بىر ساقچى ئىكەنلىكى ۋە قىلمىشىنى تەكرارلاش ئېھتىمالى يوقلۇقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، جازا ئۈچ ئايغا چۈشۈرۈلگەن. خوڭكوڭ سوتى ئۆتكەن يىلى 12 نەپەر ساقچىنى نامايىشچىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەپ ئىككى يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي ساقچىلىرى 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە نامايىشچىلارغا قارا-قويۇق ئوق چىقارغان، بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى يوقىتىۋەتكەن بولسىمۇ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھېسابىنى سورىمىغان ئىدى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى «ئۇيغۇربىز» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە جەمئىيەتكە مەلۇمات بېرىش ۋە غايىبلار پاجىئەسىدە مەسئۇلىيىتى بار ساقچى خادىملىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ بۇ تەكلىپىنى رايوندا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى يارىتىش نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلىرىنى جازالاشنى خالىمىغان. بۇنىڭ ئورنىغا ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.