بېيجىڭ خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىش دەتالىشىغا ئارىلاشماقچى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.11.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بېيجىڭ خوڭكوڭ پارلامېنتىغا يېڭى سايلانغان 2 ياش مۇستەقىلچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قەسەم بېرىش مەسىلىسىدىكى سىياسىي دەۋا-دەستۇرىغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بېيجىڭنىڭ بۇ پىلانى خوڭكوڭدا خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيىسى، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيەسىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دېگەن ئەندىشە قوزغىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىنىڭ قەسەم بېرىشكە ئالاقىدار ماددىلارغا چۈشەنچە بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنى خوڭكوڭ مەمۇرى دائىرىلىرىگە رەسمىي ئۇقتۇرغان. خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قولىدا بولۇپ، بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىدا 2 ياش مۇستەقىلچى نامزات لياڭ سۇڭخېڭ بىلەن يو خۇيجېن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇلار ئۆتكەن ئاي قەسەم بەرگەندە خوڭكوڭنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەسىمى ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىپ، ئۇلار خوڭكوڭ سوتىغا ئەرز قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يو خۇيجېن، بۇ مەسىلىگە بېيجىڭنىڭ ئارىلىشىشىنى تەنقىدلەپ، ئۇلار «سىياسەت ئارقىلىق قانۇنى مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. لياڭ سۇڭخېڭ بولسا، بېيجىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشى «خوڭكوڭنىڭ قانۇنى سىستېمىسى ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلۇشىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.