خوتەن ئايرۇدۇرۇمىدىكى «مىليون ئادەم قېتىم» لىق يولۇچىلار كىملەر؟

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى ئىچىدە خوتەن ئايرۇدۇرۇمى جەمئى بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يولۇچىغا خىزمەت قىلغان بولۇپ قەشقەر، ئاقسۇ ۋە كورلا ئايرۇدۇملىرىدىن كېيىن مىليون ئادەم قېتىملىق مۇلازىمەت ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن يەنە بىر ئايرۇدۇرۇم بولۇپ قالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوتەن ئايرۇدۇرۇمىدا رايون ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا كۈنىگە 22 نۆۋەت ئايرۇپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۆت مىڭغا يېقىنلاشقان.

ئەمما خوتەن رايونى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بولغان ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ; «ئۇيغۇرلار بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە بېرىش ئۈچۈن يول خېتى ئېلىشى لازىم بولۇۋاتقاندا بۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئايروپىلاندا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس. شۈبھىسىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى خوتەن رايونىغا ‹ئالتۇن چايقاش› ئۈچۈن كېلىۋاتقان ۋە كېتىۋاتقان خىتاي خوجايىنلاردۇر» دېدى. يەنە بەزىلەر بولسا ئۆتكەن يىلى خوتەن رايونىدىن مىڭلاپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى ئەڭ يامرىغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئايرۇپىلانلىق يۆتكەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «مىليونلارچە ساندىكى بۇ يولۇچىلار ئارىسىدا قانچىلىك ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن يۆتكىلىۋاتقانلىقىغا بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ» دېدى.