خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.02

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا خوتەن تەۋەسىدە خېئەن ۋە خېكاڭ ناملىق ئىككى ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھىندىستان «ۋىيون» (دۇنيا بىر خەۋەر) تاراتقۇسىنىڭ 31-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى ئىككى ناھىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك سۈپىتىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. يۇلغۇن يېزا بازىرى بىلەن شەھىدۇللا يېزا بازىرى مەزكۇر ئىككى ناھىيەنىڭ مەمۇرىي مەركىزى قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش خېئەن ناھىيەسى زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى زېمىن ئاقسايچىنغا تەۋە بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننى خىتاي قانۇنسىز ئىگىلىۋالدى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن 10 كۈن ئىلگىرى ھىندىستان بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى 5 يىلدىن بۇيان توختاپ قالغان چېگرا سۆھبىتىنى باشلىغان. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ 23-قېتىملىق چېگرا سۆھبىتى ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ئاقسايچىننى خېئەن ناھىيەسىگە تەۋە قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھىندىستان تەرەپ تېخى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

2020-يىل 4-ئايدا خىتاي ئارمىيەسى ھىندىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ، تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، شەرقىي لاداخ رايونىدا ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتى پەيدا قىلغانىدى. مەزكۇر خەۋەردە دەل شۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا سۆھبىتىنىڭ 5 يىل توختاپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىدىن تەسىس قىلغان بۇ ناھىيەلەرنى قۇرۇشنى ھىندىستان بىلەن چېگرا سۆھبىتى قىلغاندىن كېيىن قارار قىلدىمۇ ياكى ھىندىستان قوشۇلماي تۇرۇپلا ئۆز ئالدىغا قارار قىلدىمۇ، تېخى نائېنىق ئىكەن. ئەمما خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ قانداقتۇر خېئەن ناھىيەسىنى قۇرۇپ، ئاقسايچىننىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋېلىشى، ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى قايتا جىددىيلەشتۈرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.