ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە 3.8 بال يەر تەۋرىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-04-23
Share


23 - ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدە 3.8 بال يەر تەۋرىگەن. «خىتاي خەۋەرلەر تورى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش شۇ كۈنى سائەت 12 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە كۆرۈلگەن. يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 5 مىڭ مېتىر ئەتراپىدا بولغان.

خوتەندە بۇلتۇر 2 - ئىيۇلدىمۇ 6.5 بال يەر تەۋرىگەن. شۇ قېتىملىق تەۋرەشتە 4 ئادەم ئۆلۈپ، 70 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئەينى چاغدىكى يەر تەۋرەش مەركىزى خوتەن شەھىرىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتا، يەنى گۇما ناھىيەسى تەۋەسىدە بولغان.

دائىرىلەر بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ كەم دېگەندە 30 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي خەۋەرلىرىدە 23 - ئاپرىل خوتەندە كۆرۇلگەن يەر تەۋرەش ھادىسىسى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت