«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 1-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان خۇاۋېي، ئاز سانلىق مىللەت ئادەملىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلەيدىغان «ئۇيغۇرلاردىن سىگنال بەرگۈچ» ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دانىيەدە تۇرۇشلۇق بۆلۈمىنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى تومى زىۋىسكى ئىستېپا بەرگەن. بۇ ئەمەلدار خۇاۋېينى ئاممىۋى نازارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەستايىدىل قارىمىدى، دېگەن.
تومى زىۋىسكى ئەسلىدە بىر مۇخبىر بولۇپ، 6 ئاي ئىلگىرى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دانىيەدىكى خەۋەرلىشىش كەسپىي بۆلۈمىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولغان ھەمدە ئىزچىل تۈردە خۇاۋېينى ئاقلاپ كەلگەن. ئەمما ئۇ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆزىتەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرگەندىن كېيىن، خۇاۋېينىڭ قورقۇنچلۇق ماھىيىتىنى تونۇپ، خىزمىتىدىن دەرھال ئىستېپا بېرىش قارارىغا كەلگەن. ئۇ يەنە «ئالما» شىركىتىنىمۇ بۇ خىل زۇلۇمغا ياردەم بېرىدىغان تېخنىكىلارنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تومى زىۋىسكىنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دانىيەدىكى ئوبرازىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ شىركەت نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشكە ھەمدە ئامېرىكا ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا ئۆزىنى داۋاملىق ئاقلاشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.