ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگوسىغا ئۇچراپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي شېركەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردا زاۋۇت-كارخانا قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت 11-ئۆكتەبىر كۈنى خوتەندە سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، «خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى» نى قوزغىغان.
خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ۋە شى جىنپىننىڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىگە ئاۋاز قوشۇپ، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا زاۋۇت-كارخانا قۇرۇشى، «جەنۇبنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى» نى ئالغا سۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر رايون بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كېسىشكە باشلىشى رايوندىكى خىتاي خۇسۇسىي كارخانىلىرىدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاي خۇسۇسىي كارخانىلىرىغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ كارخانىلارنى مەزكۇر رايوندا داۋاملىق تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن: «خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پارتىيىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى،» دېگەن.