شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەك كىيىشىنى چەكلىگەن

يېقىندا، «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى» بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان، دىنىي بەلگىسى بار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشىنى چەكلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ساقال قويۇش، چۈمبەل ئارتىش، ھىجاب كىيىش، روزا تۇتۇش قاتارلىق خاھىشلارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ سىمۋولى» دەپ قاراپ باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ئاشكارا بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.

بەلگىلىمىدە، بۇ خىل كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەنلەرنىڭ مەكتەپ قورۇسىغا، ئوقۇتۇش بىناسى، ئاشخانا، ياتاق بىناسى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىنى بىردەك مەنئى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانا، تەجرىبىخانا، ئىمتىھان مەيدانى ۋە يىغىنغا بىردەك يالاڭۋاشتاق كىرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بەلگىلىمىدە ئوخشاشلا قىسقا يوپكا، ئوچۇق ئاسما مايكا، زىيادە قىسقا ئىشتان ۋە زىيادە قىسقا كۆڭلەك قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن قانداق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەك ھېسابلىنىدىغانلىقىغا كونكرېت ئۆلچەم بېكىتىلمىگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، 4‏-ئاپرېل تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ئوقۇتۇش رايونىدا ياغلىق ئارتقان بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىشىگە يول قويۇلمىغان.

مەزكۇر بەلگىلىمە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈشنى پىلانلىغان.