ياپونىيە 2025-يىلدىن باشلاپ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەربىي ۋە پۇقراۋى ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ياپونىيە بۇ ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن ئادەمسىز ئۇچقۇ تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى مونوپوللۇقىغا خاتىمە بېرىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.
«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 20-فېۋرالدىكى بۇ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە 2025-يىلى ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشقا 53 مىليون 500 مىڭ دوللار خامچوت ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 60 پىرسەنت كۆپەيتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدىكى سەۋەب، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان، شۇنداقلا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىغۋاگەرلىكى كۆپەيگەن. ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرى خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ئىكەن.
خىتاي ھازىر ئادەمسىز ئۇچقۇ ساھەسىدە دۇنياۋى مونوپوللۇقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خەلقئارادا ئەڭ كۆپ ئادەمسىز ئۇچقۇ ئېكسپورت قىلىدىغان ئۈچ شىركەتنىڭ ھەممىسى خىتاي شىركەتلىرى ئىكەن. يەنە كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلاردىن جاسۇسلۇق قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغانلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە باشقا مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
خىتاي ھازىر جەنۇبى دېڭىزدىن ھالقىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قېتىلغان ئاۋسترالىيەگە، شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيەگە تەھدىت سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 20-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئارىلىقىدىكى تاسمان دېڭىزىغا كىرگەنلىكى، بۇنىڭدىن مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ سەزگۈر ھالەتكە ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.