ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا خەلقئارا دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلگەن
2022.11.07
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيە يېقىندا 12 دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئىشتىراك قىلغان بىر قېتىملىق خەلقئارا دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرىغا ساھىبخانلىق قىلغان. توكيو شەھرىگە يېقىن بولغان ساگامى قولتۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مانىۋېردا ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، ئاۋسترالىيە، سىنگاپور، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى، ئاۋىياماتكىلار، ھۇجۇمچى پاراخوتلار ۋە تىك ئۇچار قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانىۋېر شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بېرىشى ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەمدە خىتاينىڭ تەيۋەنگە پوپۇزا قىلىشى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىقى نامايەن قىلىنغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز زومىگەرلەرگە ۋە باشقىلارنىڭ تىنچلىقىنى بۇزغۇچىلارغا قارشى ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز لازىم» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىىشىچە، كىشىدا ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە خىراجىتىنى ئىككى پىرسەنت ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلەۋاتقان ئىكەن. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانىۋېرغا جەنۇبىي كورىيەنىڭمۇ قاتنىشىشى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر رەقىبكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالغان. چۈنكى بۇ خىلدىكى مانىۋېرلار ئىلگىرىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەت قىلىنغان ئىكەن.