ياپونىيەنىڭ يېڭى ئاۋىئاماتكا پىلانى خىتاينى ئەندىشىگە سالدى
2017.12.28
يېقىندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىدىن ف-35ب تىپلىق رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنىڭ «ئىزۇمو» ۋە «كاگا» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئاۋىئاماتكىغا ئۆزگەرتىش پىلانى خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈييىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى مۇنداق بايان قىلدى: «ياپونىيەنىڭ ئىزۇمو ئۇرۇش پاراخوتىنى ئۆزگەرتىش پىلانى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوشنىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىز ياپونىيەنى ئۆزئارا ئىشەنچنى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەش يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ «ئىزۇمو» ۋە «كاگو» ئۇرۇش كېمىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 248 مېتىر، كەڭلىكى 38 مېتىر، ئېغىرلىقى 25 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى پېئارىل خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلغان چېغىدا ئىشلىتىلگەن ئىكەن.
ئاۋسترالىيە ئاخباراتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېنكاكۇ قاتارلىق تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار ئەتراپىدا ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بىلەن ئىگىدارچىلىق ئۇرۇنۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ياپونىيەنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 2018-يىلى ھەربىي خامچوتىنى 48 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرگەن.
خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە ياپونىيەنى ئۆز قانۇنلىرىدىكى ئالاقىدار ماددىلارنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرغان. ياپونىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىدا ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىغىچە ئۇرۇشتىن ئۇزاق تۇرۇش پىرىنسىپى بېكىتىلگەن.