خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەركەزنىڭ كادىر ۋە مۇتەخەسسىسلەر ياردەم قوشۇنى» ئۈرۈمچىگە كەلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئونچى تۈركۈمدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئاتلانغان كادىر ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى» 21-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۈچ يىللىق خىزمەتنى باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئورۇنلاردىن تاللاپ ئەۋەتكەن 579 كادىر «شىنجاڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش» دېگەن نامدا ئىشقا چۈشىدىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى مائارىپ، پۇل-مۇئامىلە، تېببىي ئىشلار، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كادىر ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلگەنىكەن.

خەۋەردە بۇ ئىشلارنى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدە مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە پايدىلىق» دېيىلىدۇ. ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كادىرلار قوشۇنىنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىشتى ھەمدە ئۇيغۇر-خىتاي تىللىىرغا مۇكەممەل بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىز يۈرۈۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىشتى.