غۇلجىدىكى لاگېرلارغا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان

ئىلى ئوبلاستلىق دائىرىلەر قورغاس ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا تەربىيەلەش لاگېرىغا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

19-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىگە 11 ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ياش ئۆلچىمى، بوي ئېگىزلىكى ۋە مائاش تەمىناتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ساننىڭ ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. يەنە بىر قىزىق نۇقتا شۇكى، ئېلاندا بۇ ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ياتاق-تاماقلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەمىنلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ كەينىگە «ھالال تاماق» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي لاگېرلارنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنى تەتۈر تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن خەلقئارانى ئالداپ كېلىۋاتقان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت تور بېتىدە بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى شۇنداقلا «ھالال» سۆزىنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاينىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە ئويۇن ئويناۋاتقانلىقى ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا قىزىقتۇرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارىماقتا.