خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر يوقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنى تۇتقۇن قىلغان. خىتاينىڭ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رىۋىزىيە كومىتېتى 6-ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى ۋە سېكرىتارى ياسىن سىدىقنىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا ياسىن سىدىقنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېـتىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، ياسىن سىدىق ئىلگىرى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ۋە مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ۋە قومۇل ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇ 2017-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى قىلىپ يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، 2018-يىل 1-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى ۋە سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
ياسىن سىدىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى يولغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇۋاتقان ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە «ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس» دېگەن بايانات خاراكتېرلىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇ 2018-يىلى 8-ئايدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلغان شۇ ماقالىسىدە «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە، ‹ئۈچ خىل كۈچ›لەر تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش دېگەننى تەشۋىق قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى قانداشلىق ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى» دەپ يازغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە چەت ئەللەردىكى تارىخچىلار كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە يارىشا ساداقىتىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشقان ياسىن سىدىقنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخىرىقى تەقدىرىنىڭ ھامان خىتاينىڭ چاڭگىلىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.