ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ 2 يىلغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىگە تۇنجى قېتىم جازا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكانىڭ «سىياسەت» (پولىتىچو) ژۇرنىلىنىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم خىتاي، تۈركىيە، ھىندىستان ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىنى جازالاشنى پىلانلىغان.
مەزكۇر ماقالىدە دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مەزكۇر ئىككى دىكتاتورا تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى «چەكسىز دوستلۇق» نى جاكارلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قانداق ياردەم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىشقا باشلىغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، تەكلىپ لايىھەسىگە ئاساسەن رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ قارىلىدىغان تۆت خىتاي شىركىتىنى جازالاشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. بۇنىڭدا ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىكەن.
كىيېۋ ئىقتىساد ئىنستىتۇتىغا مۇناسىۋەتلىك ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ھازىر خىتاي ۋە خوڭكوڭدىكى شىركەتلەر غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان «جەڭ مەيدانى تېخنىكىسى» نى توشۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىچى ئىكەن.
بۇ يېڭى تەكلىپكە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 ھۆكۈمەت مەزكۇر جازا پىلانىغا قوشۇلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم خىتاي شىركەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا جازالىيالايدىكەن.