ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدىكى سودا كۆرسەتمىسىنى ماقۇللىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بۈگۈن، يەنى 9-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۈگۈن يەنە ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدا بىر يېڭى سودا كۆرسەتمىسىنى ماقۇللىدى.

مەزكۇر سودا كۆرسەتمىسى ماقۇللىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 7-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» تېمىسىدا بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلغان ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىغچىلىقى مەسىلىسى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز گۇۋاھلىق بەرگەن. ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى رافائېل گىلۇكسمان (Raphael Glucksmann)، ئەنگىن ئەرئوغلۇ (Engin Eroglu) ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان بۇ يىغىندا، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇشى ۋە بۇ سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋام قىلىش پىلانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بۇ يېڭى سودا كۆرسەتمىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى سەۋەبلىك بەلگىلىك بىر ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يېڭى سودا كۆرسەتمىسىنى قارشى ئالغان ۋە بۇنى «ئامېرىكادا 21-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشىدىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى بىر تۇتاش ھەرىكەت قوللىنىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت