ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتو بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.11

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك دۆلەتلەر ئەھدى تەشكىلاتى) 10-يانۋار كۈنى رۇسىيە ۋە خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتونىڭ ئوخشاش قىممەت قاراش، ئوخشاش مەنپەئەت ئۈستىدە ئىكەنلىكى، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك رايونى دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىقى، ئەركىنلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ باياناتتا رۇسىيەدىن كېلىۋاتقان تەھدىت ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، «رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، ئۇ يەردىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك» دېيىلگەن؛ ئاندىن ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ باياناتتا يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا ئوخشاش مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى، قىممەت قارىشى ۋە دېموكراتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىقى قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خەتىرى تىلغا ئېلىنىپ: «بىز ھازىر ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. خىتاينىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قاتتىق قول پوزىتسىيەسى ۋە سىياسىتى بىزگە خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقاندا، بىزمۇ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

بۇ باياناتنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتونىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتىنى گۈللەندۈرۈش، دېڭىزدا بىرلەشمە جەڭ قىلىش، بىرلەشمە ھەربى مانىۋېر ئۆتكۈزۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.