ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
2018.10.30
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى 26-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. مەزكۇر باياناتتا: «بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»، دېيىلگەن ئىدى.
بۇ باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ب د ت نىڭ ئالاقىدار تەۋسىيەلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىلىدۇ.
30-ئۆكتەبىر كۈنى بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان باياناتنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر باياناتنىڭ بىرلەشمە پادىشاھلىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىنىڭ بارغانسېرى قەتئىي تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھال ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىدىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىغانلىقى مەلۇم. 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى بىل شورتېن مەخسۇس بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇشىدىن بەكمۇ تەشۋىش قىلىۋاتىمىز» دېدى.