«ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.10

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 16-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» ئىككى تەرەپ دىيالوگىدىكى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولىدىكەن. خەۋەرلەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبەت ئۆمىكىگە ئۇنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتى پولا پامپالونىڭ يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى، سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر نۇرغۇن ئەندىشىلىرىنى، جۈملىدىن كۈنتەرتىپتىكى قىزىق نۇقتىلاردىن بولغان تىبەت، ئۇيغۇر دىيارى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتتا «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن مەزمۇن يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىنغان.

باياناتتا «ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر، چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ تىبەت، شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ھەقىقىي رەۋىشتە چەكلىمىسىز ھەم نازارەتسىز تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا يول قويۇلۇشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2023-يىلى خىتاي بىلەن بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان.

 ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 16-ئىيۇن چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت ئەسناسىدا ياۋروپا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ تىبەتتە زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويغان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تىبەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلۇشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2023-يىلى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ تىبەتتىكى «مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپ ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش» قا ئوخشاش ھەرىكەتلىرى «كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى نامايان قىلىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.