ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ بېسىمىغا تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتېن شولىز پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى دەرھال كېچىكتۈرگەن.

ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مارتېن شولىزنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ زىيارەتنى كېچىكتۈرگەن. مارتېن شولىزنىڭ ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كىم بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۆزى قارار قىلىشتىن ئىبارەت ئەركىن مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ، تاشقىرىنىڭ بېسىمىغا تىز چۆكمەيدۇ» دېگەن.

باياناتتا يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئوچۇق ۋە كۆپ خىل پىكىر ئېقىملارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى ئۆكتىچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، داۋاملىق كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دىپلوماتىيە ۋەكىلى ياۋروپا پارلامېنتىغا مارتېن شولىزنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى يەتكۈزگەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى جاۋمى دۇچ گۇيلوت زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى تەھقىقلەپ، «بىز تېخى بايام خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلىدىن دالاي لامانىڭ زىيارىتى سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتى ئىقتىسادى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇق» دېگەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ئىقتىسادى، پۇل -مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كېلەر ھەپتىدىكى خىتاي سەپىرىدە شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلاتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت