ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتى رەئىسى رېينھارد بۇتىكوفېر (Reinhard Bütikofer) 24-ئاپرېل كۈنى مەزكۇر پارلامېنتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز سىستېمىلىق رىقابەتچىمىز بولغان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، ئەمما بۇ ھەمكارلىق ھەرگىز ئوخشاش يولدا بولمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ قوشۇمچە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يادرولۇق مەسىلىسى» دېگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى دىئالوگىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بېرىلگەن بۇ ئۇچۇرغا قارىغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رېينھارد بۇتىكوفېر مۇخبىر بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە: «ياۋروپا پارلامېنتى گىئو-سىياسىي رول ئوينىماقچى بولسا، دۇنياۋى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالىشى كېرەك. خىتاي مەسىلىسىدە ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش كۆرمەسلىكى، بەلكى ئەمەلىي ۋە ھوشيار تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك» دېگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان؛ ئۇلار يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى قايتا ئەيىبلىگەن.