كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.06.13

12-ئىيۇن كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «قوغدىغۇچىلار» (Safeguard Defenders) قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىگە مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ تەشكىلاتلار ئىمزالىق خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكى ۋە كۆلەملەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا «مانا بۇلار بۈگۈنگىچە قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشتا ئۈنۈمسىز بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ھازىرغىچە 38 قېتىم كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ سۆھبەتلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق بىر ئەھمىيەتلىك ۋە ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قوللىنىپ باقمىغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى 39-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى تېخى يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىدى. يۇقىرىدىكى ئورگانلار بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە، سۈرىيە، بېلارۇسىيە، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى ۋە ئومۇملىشىش ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ بۇ دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگلىرىنى توختاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىدەك ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ھازىرغىچە بولغان 38 قېتىملىق سۆھبەتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئوڭشاشتا ئەھمىيەتسىز بولغانلىقى ئىسپاتلاندى، ئەمدى يەنە 39-قېتىملىق سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق.»

بۇ تەشكىلاتلار مەكتۇپىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى دىئالوگ ئورنىغا ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قىستىشى كېرەك، دەپ چاقىرىق قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.