2023-يىلى خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچىلار 100 دىن ئېشىپ كەتكەن
2024.05.01
شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىتى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر، بولۇپمۇ سۆز ئەركىنلىكىگە ھەممىدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان يازغۇچىلار زەربىگە ئۇچرىغان.
ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 1-ماي كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 107 يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرى، نەشىر قىلغان كىتابلىرىدىكى بەزى مەزمۇنلار تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى توردا پىكىر بايان قىلىش، «جەمئىيەتتە تالاش-تارتىش پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 1-ماي كۈنى ئېلان قىلغان «2023-يىللىق يېزىقچىلىق ئەركىنلىكى سانلىق مەلۇمات كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا، خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە 339 يازغۇچى ئەركىن پىكىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، خىتايدا تۇتۇلغان يازغۇچى بۇ ساننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 107 يازغۇچىنى تۈرمىگە تاشلاپ، مەھبۇس يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جېيمېس تاگېر (James Tager) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتايدا پىكىر بايان قىلىپ جازالانغان يازغۇچىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بۇ يەردە بېرىلگەن مەلۇماتتىن كۆپ. بۇ تېخى ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ ئۆزىنى تەكشۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ».
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توردا ياكى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ۋە پىكىرلىرى بىلەن جازالانغان يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى «جەمئىيەت ئېڭىنى قالايمىقان قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ساقچىلار ھەر خىل ناملار بىلەن خالىغانچە جىنايەت ئارتقان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى يازغۇچىلار قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان. ئۇلار مۇسۇلمان خەلق بولۇپ، ئۆتكەن 10 يىلدا خىتاينىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر شائىرى گۈلنىسا ئىمىن 17 يىللىق كېسىلگەن، چۈنكى ئۇ ‹مىڭ بىر كېچە› نامىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلارنى يازغانلىقى ئۈچۈن، ‹بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلغان› دەپ قارىلانغان».
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا، جۈملىدىن «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ قارالغان يازغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى-شائىرلاردىن پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەختەم ئۆمەر، ئادىل تۇنياز، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابباس مونىياز قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكى مەلۇم.