يەھۇدىيلارنىڭ «فورۋارد» گېزىتى: «بىز دۇنيا بىزنى تاشلاپ قويغاندەك ئۇيغۇرلارنى تاشلاپ قويالمايمىز»
2022.02.04
3-فېۋرال، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكادىكى نۇپۇزلۇق يەھۇدىي گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «فورۋارد» گېزىتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىلغان. «بىز دۇنيا بىزنى تاشلاپ قويغاندەك ئۇيغۇرلارنى تاشلاپ قويالمايمىز» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيى» سىمون سىكيوت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى نايئومى كىكولېر بىلەن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى رېيچېل گولدفارب خانىم بىرلىكتە قەلەمگە ئالغان.
ماقالىدە، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ئاخىرلىشىپ 77 يىلدىن كېيىن، يوشۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك مۈشكۈللۈكى، تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقتىكى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى پەقەت ئۇلارنىڭ كىملىكى تۈپەيلى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يەھۇدىي كەچمىشىنىڭ «بۈگۈننى ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان تەرىپى خىتايدىكى 12 مىليون ئۇيغۇرنىڭ زامانىۋى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشى» ئىكەن.
ماقالىدا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېسە، ئوسۋىىتز-بىركېناۋغا ئوخشاش بىر مىليون يەھۇدىي سىستېمىلىق ئۆلتۈرۈلگەن، مىڭلىغان پولەك ۋە سىگان ئۆلتۈرۈلگەن جايلارنى ئويلايدىغانلىقى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنچىكە تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى غەرەزلىك يوقىتىۋاتقانلىقى، شۇڭا قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنى توختىتىشىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.