خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەبىر بېرىلىشى ئۇنىڭ يەككە مىللەتلىك دۆلەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە باشلىدى.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى ئالاقىدار خەۋىرىدە گۈلرۇي ئەسقەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان جىيەنى ئەكرام يارمۇھەممەد ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلىشى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان زىيانكەشلىكلەر روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ماقالىدە، ئاپتور خىتاي تىلىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغانلىقى، ئىلگىرىكى «قوش تىل مائارىپى» دىكى مەكتەپلەردە ھازىر پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغانلىقى، كىتابخانىلاردىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنىڭ ئورنىنى خىتاي يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ئىگىلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىغا قىلىۋاتقان ئېغىر زىيانكەشلىكلىرىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر بۇنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. بۇ مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دېيىش ئارقىلىق خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «جۇڭخۇا مىللىتى» تەرغىباتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە بايرام ئۆتكۈزۈشى، ھەتتا خىتايچە ئەنئەنىۋى كىيىملارنى كىيىپ، خىتايچە ئۇسۇللارنى ئوينىشى، ئاممىۋى يوسۇندا خىتاي تىلى ئۆگىنىشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.
ماقالىدە يۇقىرىقى نۇقتىلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى نىشان قىلغان بۇ بىر مەيدان «جەڭ» دە خىتاي ئۆز دۆلىتىنى پەقەت خىتاي مىللىتىنى ۋە خىتاي تىلىنى ئېتىراپ قىلىدىغان «يەككە مىللەتلىك دۆلەت» بولۇشقا قاراپ يۈزلەندۈرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن.