يېڭى دوكلات: «مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.12.12

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز 12-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان يەرلەرنى تارتىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ئاپتورنىڭ X تورى ئارقىلىق بىلدۈرۈشىچە، «مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ يېڭى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شوخلا (پەمىدۇر) ۋە قىزىلمۇچ ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ كۆلەمدە يەر تارتىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى قوللانغانلىقى، نەتىجىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى يەرسىز قويۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي خوجايىنلار ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، دېھقانچىلىقنى سانائەتلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان. نەتىجىدە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەر تېرىش ھوقۇقىنى چوڭ يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستىغان، ئاندىن ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى باشقۇرىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش بازىلىرىدا ئىشقا سالغان.

ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «2001-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، شىنجاڭدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش 50 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇ (ئۇيغۇر) دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن خىزمەتكە مەجبۇرلىنىشىنىڭ كىشى ھەيران قالىدىغان كۆلەمگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئەپ كېلىش بىلەن بىرگە، تەبىئىي شەكىللەنگەن جامائەت مۇھىتىنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، كۆزىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ ۋە كۆلەملەشتۈرىدۇ.»

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ X تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ شوخلا، قىزىلمۇچ، سەبدەگۈل ۋە سۈنئىي تاتلىق تەم قوشقۇچى ستېۋىيە (stevia) قاتارلىقلارنى تېرىش، يىغىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا چېتىشلىق بولغان Kraft Heinz، Nestlé، Del Monte، PepsiCo، McCormick، ​​Unilever ۋە L'Oreal قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 90 نەچچە داڭلىق شىركەتنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.