ئامېرىكا-خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تيەنجىن شەھرىدىكى سۆھبىتى قاتماللىققا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن چىن گاڭ 27-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىققان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن چىن گاڭ خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولغان ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكا ھەققىدىكى خىزمەت تەجرىبىسى يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. سىنگاپوردىكى راجاراتنام خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوتسىنتى لى مىڭجياڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «چىن گاڭ ۋاشىنگتون شەھرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقە تورى بەرپا قىلىشىغا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن» دېگەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەرى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن سابىق باش ئەلچى سۈي تيەنكەينىڭ قايتىپ كېتىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئەمما چىن گاڭنى بىلىدىغانلار ئۇنى ھەرقايسى جەھەتتە سۈي تيەنكەيدىنمۇ قاتتىق قول شەخس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇۋاتقاندا باش ئەلچى بۇ خىل مۇناسىۋەتكە ئانچە زور تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ئورنى ئىزچىل بوش تۇرىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بايدېن ھۆكۈمىتى ئا ق ش نىڭ NATO دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس ئەپەندىنى مۇشۇ ئورۇنغا بەلگىلەشنى ئويلاشماقتىكەن.