چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سىياسىي ۋە تارىخىي تەرەققىياتىغا دائىر يېڭى ئەسەر نەشر قىلىنماقچىكەن
2017.10.16
دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئېتنىك مەھەللىلەرنى قۇرۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. يېقىندا نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر جامائىتى: مۇھاجىرەت، كىملىك ۋە سىياسىي جۇغراپىيە» ناملىق ئەسەر بولسا ئەنە شۇ خىلدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ئىكەن.
تۈركىيەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن گۈلجەننەت ئەرجىلاسۇن ۋە قونۇر ئەرجىلاسۇن بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ توپلامنى ماكمىللان نەشرىياتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى نەشر قىلىشنى پىلانلىغان.
توپلامدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇچ كەلگەن خىرىسلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئالاقىدار ئاپتورلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر كىملىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنى، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىگىلىگەن ئورنى قاتارلىق تېمىلار بويىچە يېزىلغان بىر يۈرۈش ئىنگلىزچە ماقالىلەر بېرىلىدۇ.
بۇ توپلامدىكى ماقالىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىگە قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىملىكى تارىخ، دىن ۋە سىياسەت نۇقتىلىرىدىن شەرھىلىنىدۇ.