خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا-قىشلاقلار ئارقىلىق يېڭى «سەددىچىن سېپىلى» سالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.16

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گېزىتىنىڭ يېقىنقى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مالىيە كۈچى ئاجرىتىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان لىنىيەلىرىگە ئاھالە ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىپ يېڭى يېزا-قىشلاقلارنى ھاسىل قىلغان. چېگرا بويلىرىدىكى بۇ ئولتۇراق لىنىيەلىرى چوڭ جەھەتتىن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەكلىنى ئالغان بولۇپ، ئوبزوردا بۇ ھال خىتاينىڭ سىرتقا قارىتا زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنىڭ باشلىنىشى، دەپ قارالغان.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئولتۇراق ئاھالە لىنىيەلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن داۋاسىغا ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇ خىلدىكى ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ سان ۋە كۆلەم جەھەتتە بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ھىمالايا تاغلىق رايونىدا ھەر بىر ئۆتكەل بويىدا بىردىن ئاھالە ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىنغان. بۇ جايلاردا تاغدىن باشقا ھېچنەرسە بولماسلىقتەك رېئاللىق تۈپەيلىدىن خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ يەرلەردە ياشاشنى خالىمىغان. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ غايەت زور ماددىي ياردەم بېرىشى تۈپەيلىدىن بۇ خىلدىكى ئولتۇراق ئاھالە نۇقتىلىرى ھازىر زىچ ئاھالە بىلەن قاپلىنىپ بولغان.

ئوبزوردا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ ئولتۇراق ئۆيلەر نامدا «پۇقرالارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن» دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئارمىيەسىنى يول، ئىنتېرنېت تورى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدىكەن. يەنە بىر ياقتىن بۇ خىل ئولتۇراق ئۆي لىنىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «كۆز-قۇلاق» بولۇش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، چېگرادىن قاچىدىغانلارنى توسۇپ قالىدىغان بىرىنچى لىنىيە ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ جايلاردىكى ئولتۇراق ئاھالىنى «ۋەتەنپەرۋەر چېگرا قوغدىغۇچىلىرى» دەپ تەرىپلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.