ئامېرىكىدىكى «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» ناملىق بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۈگۈن «خىتايدىكى دىنلار» دېگەن تېمىدا دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە مەخسۇس ئورۇن بېرىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىسى بولغان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.
خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇلارغا قارىتا بېسىمنىڭمۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى شەرھلەنگەن دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار ئارىسىدا ئەڭ ئېغىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، لېكىن تۇڭگانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي بوغۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر دوكلاتتا بۇ پەرققە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئېتنىك ۋە دىنىي باغلىنىشى شۇنداقلا رايوندا ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە پۇقرالارغا قارشى يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋە پىچاقلىق ھۇجۇملارنى خىتاي ھۆكۈمىتى «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە باغلاپ ئەيىبلىمەكتە ئىكەن. ئەمما بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ زۇلۇمغا قارشى تەبىئىي پارتلاپ چىققان نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
دوكلاتتا يەنە يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچەيگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساقال، چۈمبەل، «قۇرئان-كەرىم»، روزا تۇتۇش ۋە ئىسلامىي ئىسىملار چەكلىمىسى قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولۇۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
«ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاشقى سىياسەتتىن مەسلىھەتتىن سۇنىدىغان نوپۇزلۇق بىر تەتقىقات ئورنىدۇر.