پەيزىۋات ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرەپ، تۆمۈر يول قاتنىشى توختىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.20

19-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە 6.4 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9:27 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى كېچىچە ئاز دېگەندە 8 قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرىگەن.

يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر قاتتىق تەۋرىنىش ھېس قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە كىرىشتىن ئەنسىرەپ كېچىچە تالادا قونغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى، نۇرغۇن ئۆيلەرگە دەز كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، قانچە ئائىلىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، قانچىلىك ئادەمنىڭ تالادا قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار چۈشەندۈرۈلمىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا خەلق ئىشلار ئىدارىسى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىنىڭ شىمالىي مېردىيان 39.83 گىرادۇس، جەنۇبى پاراللېل 77.21 گىرادۇسقا جايلاشقانلىقى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 16 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش پويىز قاتنىشىغا تەسىر قىلغان. ئۈرۈمچى-خوتەن ئارىسىدا قاتنايدىغان 9 نۆۋەتچى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ۋاقىتلىق توختىتىلغان. نۆۋەتتە خەلقنىڭ يەر تەۋرەش رايونىغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇر خەير-ساخاۋەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.