«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.27

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا نەشرىدۇر. مەزكۇر گېزىت بۈگۈن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» باش ماقالىسىدە تىغ ئۇچىنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا قاراتقان. يەنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنى نۆۋەتتە نىڭشىيا قاتارلىق تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كېڭەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى «پاكىتنى بۇرمىلىغان» دەپ تەقىت قىلغان.

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغان تەقىب سىستېمىسى، تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئېرىتىش چارىلىرىنى نۆۋەتتە نىڭشيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا كۆچۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خەۋەردە نىڭشيا، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدىكى لاگېرلارنى ۋە شۇنىڭدەك «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» نى زىيارەت قىلىپ تەجرىبە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن ئايدا چىڭخەينىڭ گولمۇد شەھىرىدە 13 ئورۇندا «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئانالىز ۋە مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەمدىلىكتە تۇڭگانلار رايونىدىمۇ ئومۇملىشىشى مۇمكىنلىكى كەڭ مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى.

ھالبۇكى، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ «ئاجايىپ دانالىقى» كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى باشقا ئۆلكىلەر، ھەتتا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىنى «بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن خەۋەر تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.