دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېشىل ھېدروگېن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى كۇچا ناھىيەسىدە قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.30

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي نېفت-خىمىيە باش شىركىتى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ «يېشىل» (ساپ) ھېدروگېن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بازا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن «يېشىل» يىللىق ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي نېفىت-خىمىيە باش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ما يوڭشېڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ تۈر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، دۆلىىتمىزنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە كېپىللىك قىلغىلى بولىدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت، تەبىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرى غايەت زور مىقداردا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرى قىشلىق ئىسسىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان كۆمۈر ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەس ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان فرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاك بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ جايدا نېفىتلىك قاتارلىق جايلاردا پۈتۈنلەي خىتايلار ئىشلەيدۇ. كېۋەزلىكتە پاختا تېرىدىغانلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىكەن» دېگەن ئىدى.

نۆۋەتتە مەزكۇر ھىدروگېن بازىسىنىڭمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەد قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭمۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىك مەنپەئەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.