ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلى بالىلىرىغا «مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش» دەرسى ئوقۇتۇلىدىكەن

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلى بالىلىرىغىمۇ «پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇش» تەربىيىسى بېرىلمەكتە. بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بىر خەۋەردىن، يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئارال يېزىلىق مەركىزى يەسلىدىكى بالىلارغا ھەر ھەپتىدە بىر سائەتتىن «مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش دەرسى» ئوقۇتۇلىدىغانلىقى، بۇ دەرستە يەسلى بالىلىرىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى، «قوش تىل مائارىپى» ھەققىدە دەرس سۆزلەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەزكۇر خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى قوش تىل بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى گۇرۇپپسىى باشلىقى ئامىنە تۇرسۇن تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىغا ئۆزى خىزمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئارال يېزىلىق مەركىزى يەسلى بالىلىرىغا مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىدە بىر كۈن «مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش دەرسى» ئۆتۈپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بالىلار ئۈچۈن يولغا قويغان ياخشى سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ماختىنىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئايال كادىر يەنە، يەسلى بالىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرغا خەت يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. خەتتە يەسلى بالىلىرى ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ياخشى تاماقلارنى يەۋاتقانلىقى، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ يەڭگىللەپ، بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن، شۆھرەت زاكىرمۇ بۇ يەسلى بالىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا « پارتىيە ۋە ۋەتەنگە رەھمەت ئېيتىپ، دائىم مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، پارتىيىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى قاتتىق ئەۋج ئالغان بىر پەيتتە، نارىسىدە بالىلارنىڭمۇ مەيدانىنى ئىپادىلەپ، پارتىيىدىن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشكە سېلىنىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى. ئۇلار ، ئارال يېزىلىق يەسلىدە ئۆتۈلۈۋاتقان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دەرسىنىڭ جەنۇبتىكى بارلىق يېزىلاردا ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.