گۇما سوت مەھكىمىسى 3 يېزا ئەمەلدارىنى «خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.28

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، گۇما ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا كۆكتېرەك بازارلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ جېڭفېڭ، مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەركىن مەخمۇت ۋە قۇمكۆل كەنتىنىڭ سېكرېتارى روزىمەمەت مەھمۇتنى خىيانەتچىلىك قاتارلىق بىر قاتار جىنايەتلەر بىلەن بىرلىكتە «خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى» بىلەنمۇ ئەيىبلەپ 20 يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

خەۋەردە يەنە، روزىمەمەت مەھمۇتنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى خىزمەتتە، قانداق بىپەرۋالىق قىلغانلىقى ياكى كىملەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھازىرغا قەدەر خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، بىر ئىنتىزام خاتالىقى سۈپىتىدە تەنقىدلىنىپ كەلگەن، ئەمما جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا خىتايغا قارشى شىددەتلىك ۋەقەلەر گۇما ناھىيىسىدە ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن. زىلزىلە پەيدا قىلغان 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىمۇ كۆكتېرەككە تەۋە گۇماندارلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. مانا بۇ رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ئۇچقۇنجان ئەپەندى، مەزكۇر دېلودا تىلغا ئېلىنغان «خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى» ئەيىبلىمىسىنىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.