خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات كەنتلەرگىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئومۇملاشتۇرماقچى
2018.03.30
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت تورىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېزا-كەنت رايونلىرى، بولۇپمۇ نامرات يېزا-كەنت رايونلىرىدا كەڭ بەلۋاغلىق تور ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 2819 مەمۇرىي كەنتنى ئوپتىك تالالىق تور بىلەن قاپلاش خىزمىتى تاماملانغان. بۇ يىل داۋاملىق ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 3516 مەمۇرىي كەنتنى ئوپتىك تالالىق تور بىلەن قاپلاش قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن ۋە تەدرىجىي ھالدا 1962 نامرات كەنت پۈتۈنلەي ئوپتىك تالالىق تور بىلەن قاپلىنىپ، تور سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە ئۆزلەشتۈرۈلىدىكەن.
تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 1-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن توردا ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىدا 9 خىل تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى چەكلىگەن ئىدى.
ئۇقتۇرۇشتا سىياسىي سەزگۈرلۈكى بار تېمىلارنى، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى، ئىچكى ماتېرىياللارنى، زەھەرلىك ياكى سېرىق مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى، ھەربىي ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلارنى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ماتېرىياللارنى، دىنى ئېتىقاد ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆزلەر ھەمدە چۈشىنىكسىز ئۇلانمىلارنى تارقاتماسلىق ياكى تورغا يوللىماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
1-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان بۇ ماددىلارغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ 8 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسى بىلەن جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يەنە بىر ياقتىن تورنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرماقچى بولۇشىنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش، دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە خىتايدا فېيسبۇك، تۋىتتېر، ۋاتساپ، يۇۋتۇپ قاتارلىق دۇنياغا ئومۇملاشقان تور بەتلەر ۋە ئەپلەر چەكلەنگەن بىر ئەھۋالدا ھەممە يەرنى تور بىلەن قاپلاشنىڭ زىددىيەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.