بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ 40 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، «يىپەك يولى فوندى» قۇرىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ مەزكۇر فوندنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر، بايلىق مەنبەلىرى، سانائەت ۋە پۇل - مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار ئۈچۈن مەبلەغ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - نويابىر كۈنى، يەنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىگلىرى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدا مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن چاقىرىپ، «ئاسىيا ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلەغ بانكىسى» بىلەن «يىپەك يولى فوندى» قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئېنېرگىيە، سودا - ئىقتىساد، ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە سىياسىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز ۋە نېفىت مەنبەسىگە ئايلانماقتا.
تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا پليۇس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمان 7 - نويابىر كۈنى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى مەملىكەت ھەمكارلىقلىرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تاجىكىستانغا مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇ جەريانىدا خىتاي بىلەن تاجىكىستان تۆت قەرز كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئىككى دۆلەت رەھبىرى يەنە خىتاي - تاجىكىستان - ئافغانىستان - ئىران ۋە پارىس قولتۇقى تۆمۈر يولى لىنىيىسى قۇرۇش مەسىلىسىنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان.