قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى «ئەركىنلىك يولى» نىڭ نامى «زو زوڭتاڭ يولى» غا ئۆزگەرتىلگەن

19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ، مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى قايتا ئىشغال قىلىشى ۋە ئىشغالىيەتتە قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قوماندانلىق قىلغان چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى زو زوڭتاڭنىڭ ئىسمى قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى بىر يولنىڭ نامىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇستەملىكىچىلىك ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قارىلىپ كەلگەن بۇ شەخسنىڭ ئىسمىنىڭ قۇمۇلدىكى بىر كوچىنىڭ نامى قىلىپ قويۇلۇشى، شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى» نىڭ ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرسىتىپ بەرمەكتە، دەپ قارالماقتا.

قەشقەرىيەدىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى قايتا ئىشغال قىلىش مەسىلىسى 1870-يىللارنىڭ باشلىرىدا مانجۇ ئىمپېرىيەسى ئوردىسىدا كەسكىن بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. مانجۇ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئوردىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنغان بۇ مۇنازىرىلەردە، مەنچىڭ ئەمەلدارى زو زوڭتاڭنىڭ پىكرى «دېڭىز مۇداپىيەسىنى كۈچەيتىش» تەرەپدارى بولغان لى خوڭجاڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. ئاخىرىدا مانجۇ ئوردىسى زو زوڭتاڭنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلماقچى بولغان مانجۇ-خىتاي ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.

زو زوڭتاڭ قوشۇن تارتىپ 1877-يىلى ياقۇپبەگ بەدۆلەتنىڭ 13 يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇستەقىل قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاغدۇرغان ھەمدە مەزكۇر رايوننى قايتا ئىشغال قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇنىڭ بۇ جەرياندا قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. شۇڭا، زو زوڭتاڭغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى ئىلگىرى ئىزچىل مۇنازىرە قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات سېپىدىكى نۇرغۇن سەرخىللىرىنى لاگېر-تۈرمىلەرگە قاماپ، ئۇيغۇر تارىخىغا قايتا باھا بېرىشكە باشلىغاندا، زو زوڭتاڭغىمۇ قايتا باھا بەرگەن.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن «مىكرو بىلوگ»(微博) دىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 30-يانۋار كۈنى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكى خادىملار ئېۋىرغول «ئەركىنلىك يولى» نىڭ تاختىيىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «زو زوڭتاڭ يولى» دېگەن تاختاينى ئاسقان.

خەۋەردە قۇمۇل شەھىرىدىكى بۇ يولنىڭ نامىنىڭ كىمنىڭ قارارى بىلەن «زو زوڭتاڭ يولى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما بۇ قېتىم بۇ كوچىنىڭ بۇنىڭدىن 144-يىل بۇرۇنقى «كونا ئىسمى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تارىخشۇناسلار، قۇمۇلدىكى كوچا ناملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئوخشاشلا يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتايچە ناملار بىلەن قايتىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يەر-جاي ناملىرىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەرلىك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھېچبىر يېرىدە «زو زوڭتاڭ يولى» دەيدىغان كوچا نامىنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.