يوپۇرغا ھاكىمىغا يېزىلغان ئوچۇق خەت تورداشلار ئارىسىدا ئىنكاس قوزغىدى
2013.05.07
يېقىندا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان «يوپۇرغا ھاكىمىغا يېزىلغان ئوچۇق خەت» نامىدىكى 13 ماددىلىق تەلەپنامە تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوچۇق خەت يوپۇرغا ناھىيىسىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي تىللىق ئۇيغۇر ھاكىمغا قارىتىلىپ يېزىلغان.13ماددىلىق تەلەپنامىدە، ناھىيىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھاكىمنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بولۇپمۇ، بۇ تەلەپلەر ئىچىدىكى دېھقانلارنىڭ ھاشار ئەمگىكىنى كېمەيتىش، تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالىدىغانلارنى خارلىماسلىق، دوختۇرخانا،جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاممىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش تەلىپى قاتارلىقلار ۋە ناھىيىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھاكىمنىڭ خىتاي تىلىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇرلىقى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.
بەزىلەر يوپۇرغىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق سىياسەتنىڭ يۇمشىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، خىتاي تىللىق يوپۇرغا ھاكىمىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتتىكى تەلەپلەرنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلەر ناھىيىدىكى قانۇن، ساقچى ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ زومىگەرلىكىنى پاش قىلىپ، گەرچە ناھىيىدىكىلەر بۇ خىل ھەقسىزلىقلەرگە ھازىرچە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بېسىملارغا قارشى نارازىلىقنىڭ ھامان بىر كۈنى پارتلايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋىجدانلىق بولۇشقا چاقىرغان.