خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىلگىرىلەپ ئاشكارىلانماقتا. 19-يانۋار كۈنى «Human Events» يەنى «ئىنسانىيەت ۋەقەلىرى» ناملىق تور ژورنىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شەرھىلەنگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
«يۇمشاق قىرغىنچىلىق-شىنجاڭنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە يازغۇچى كالېب بىرس تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ب د ت 'دىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن دوكلات قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ نامىنى بېكىتىشتە ئىككىلەنگەنلىكى، يەنى بۇ سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەرىكەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نۇرغۇن شەرتلىرىگە چۈشىسىمۇ، پەقەتلا گاز ئۆيىگە سولاپ ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش توپلاپ ئۆلتۈرۈش بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالمايۋاتقانلىقىدەك بىر مەسىلە ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، زور كۆلەملىك تەنقىدكە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا زور كۆلەملىك قىرغىن قىلىش ئورنىغا ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ يوقىتىش-يەنى يۇمشاق قىرغىنچىلىق تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە: «بۇ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ۋەھشى، تولىمۇ ئىنچىكە، پىلانلىق ۋە خەتەرلىك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىق قىلماي تۇرۇپ يوق قىلىدىغان بىر ھەرىكەت» دەپ تەسۋىرىلىگەن.
كالېب بىرس يەنە ماقالىسىدە، نۇرغۇن ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ داۋاملىق ھالدا «مۇسۇلمان قىرغىنچىلىقى» دەپ تەسۋىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى تارىخلىرىدىن مىسال بېرىپ تۇرۇپ، بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ ئىسلام دىنى ئەمەسلىكى، بەلكى ئۇيغۇرچە دىن ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن خەۋپ، دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يەنى ئۇيغۇرلاردىكى «ئۇيغۇرلۇق» نى يوقىتىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇيغۇرلار ھايات قېلىشنى داۋام قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار ئۇيغۇر بولۇشقا داۋام قىلسا بولمايدۇ. مانا بۇ ئۆزگىرىشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا پىشىپ يېتىلدۈرگەن ھاكىممۇتلەقلەقنىڭ تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سالماقتا»
ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇتلەق نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى ئۈستىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ماقالىىسنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرغان: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى پەقەتلا كىشىنى چۆچۈتىدۇ، دەپ تەسۋىرلەش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇ بىزنى ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن 60 يىل ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە قابىلىيىتىنى قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇر كىملىكى ساناقسىز مازارلىقلار ۋە دۆۋە-دۆۋە جەسەتلەر بولماي تۇرۇپ يوقىتىلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىگە يول قويۇلىۋەرسە، ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ، ئوۋلىنىدۇ ۋە بۇ تاكى ئۇلار پەرقلىق خەلق بولۇشتىن توختۇغۇچە داۋام قىلىدۇ».