ئۇيغۇرلار دىيارىدا يانفون كونتروللۇقى جىددىي داۋام قىلماقتا

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كونتروللۇق تەدبىرلىرى ئىچىدە ئۇچۇر ۋە ئالاقە ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر ئالاھىدە ئورۇندا تۇتىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دىشۋارچىلىقلارغا مۇپتىلا بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. ئەمدى بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ قوللىنىلىشقا باشلىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

رادىيومىز مۇخبىرلىرى بۈگۈن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېكەس ناھىيىسىدىكى بىر قازاق ياش ئوخشاش بىر كىملىك ئارقىلىق ئىككى دانە يانفون كارتىسى (SIM) سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنىپ بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە «ئاز سانلىق مىللەت» كىشىلىرىنىڭ بىر ئادەم بىردىن ئارتۇق يانفون كارتىسى سېتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر شەخسلەرنىڭ يانفونلىرى ھەرقاچان تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. جۈملىدىن يانفونلىرىدا سەزگۈر مەزمۇنلار بايقالغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ھەر خىل جازاغا جۈملىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا ئىكەن.