ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالايسىيادا زور تەسىر كۈچكە ئىگە پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھازىرقى باش مىنىستىر ماھاتىر موھاممەدنىڭ ئورۇن باسارى دەپ قارىلىۋاتقان ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

«بېنار خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىم بۇ سۆزلەرنى 10-فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا بىر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللار ۋە ھەربىي بازىلارنى قۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزدا كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقى ئىچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

ئەنۋەر ئىبراھىم ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى بۇ يىغىن داۋامىدا قىلغان سۆزىدە يەنە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەرگەن. ئۇ سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماي تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى توغرا بىر ھەرىكەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز بىزنىڭ سوئال قويۇشىمىزغا، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى باشقا ھەرقانداق بىر توپلۇقنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن سۆز قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرگەن تۇنجى مۇسۇلمان دۆلىتى ئىدى. ئەنۋەر ئىبراھىم بۇندىن ئىلگىرى قىلغان بىر سۆزىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت