ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان دېلولار يەنە كۆپەيگەن

ئۇيغۇر ئېلى ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان دېلولارنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا دەرھال زەربە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلىقى شۇڭ شۇەنگو باياناتىدا، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زەھەر ئىستىمالى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى نىشان قىلغان بىر قانچە ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن-8 -ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە ئارىلىقتا زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان دېلو سانىدا 11 پىرسەنت ئارتىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا 1 توننىدىن ئارتۇق زەھەر قولغا چۈشكەن، 1622 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. بۇندىن باشقا دائىرىلەر يەنە 9506 نەپەر زەھەر چەككۈچىلەرنى ئېنىقلاپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېڭىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەر بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى 2000 نەپەردىن ئارتۇق زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ساقچى دائىرىلىرى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانىنى كونترول ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يامراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ يېنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.