خىتاينىڭ ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىشى كوۋىد ۋىرۇسى يۈز بەرمىگەندەك داۋاملاشقان
2023.07.10
دۇنيانى خىتايدىن تارقالغان كوۋىد-19 ۋىرۇسى قاپلىغان يىللاردا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك كاربون گازى مىقدارى جىددىي تۆۋەنلىگەنىدى. لېكىن يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كوۋىد مەزگىلىدە ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك كاربون گازى كوۋىد ۋىرۇسى يۈز بەرمىگەندەك كۆپىيىپ، كىلىمات كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ «كاربون كۆزىتىش» ناملىق سانلىق مەلۇماتتىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى خىتاينىڭ ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىشى كوۋىد-19 ۋىرۇسى مەزگىلىدە تېخىمۇ ئارتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك كاربون گازى بىلەن ئۇنىڭ 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن كاربون گازىنىڭ مىقدارى سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىل ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك كاربون گازىنىڭ 10 پىرسەنت ئارتقانلىقى بايقالغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە تۇرالغۇ ساھەسى 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 28 مىليون 200 مىڭ توننا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بەرگەن بولسا، 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ھەر كۈنى 30 مىليون 900 مىڭ توننا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بەرگەن.
خىتاي پارىژ ھاۋا كىلىماتى كېلىشىمىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىشىنىڭ 2030-يىلى يۇقىرى چەككە چىقىشىغا، 2060-يىلىغا قەدەر ئۇنىڭ نۆلگە چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن. لېكىن خىتاي بۇ ۋەدىنى بېرىپ ئارقىدىنلا تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانلىرىنى تەستىقلىغان.
ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، ئېلېكتر توكىغا بولغان ئېھتىياج كۆپەيگەندە «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن. بۇ، كۆمۈر يېقىلغۇسىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەنىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر كوۋىد ۋىرۇسىدىن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەرشارى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئاز كاربون قويۇپ بېرىش يولىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىش جەھەتتىكى تەرەققىياتى دۇنيانىڭ يەرشارى ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرىشى ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر ھېسابلىنىدىكەن.