تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە يوليورۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى.
ئۇ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە نامەلۇم بىر شەخس تەرىپىدىن ئەۋەتىپ بېرىلگەن خىتاينىڭ «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يۇقىرىقى يەكۈننى چىقارغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە پىلانلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر سىياسىي ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكى يەنىمۇ ئايدىڭلىشىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 1-دېكابىر كۈنى دەرھال بىر ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئادرىيان زېنزنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ سۆزىدە: «خىتايغا دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئادرىيان زېنز ئوچۇق-ئاشكارا يالغانچىلىق قىلدى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىمىز بۇ ساختا ئالىمغا قارىتا قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ،» دېگەن.
ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدا ئۆزىگە قارشى ئېلان قىلىنىۋاتقان يۇقىرىقىدەك ھۇجۇملارغا جاۋابەن: «بۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كىملىكىگە قىزىقىۋاتىمەن،» دېگەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئارقىدىنلا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي ئېلېكترون شىركىتى (CEC) نىڭ 1-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا يېڭى بىر خىل ئۇچۇر يوللاش ۋە ئىشخانا سۇپىسى ئەپىنى ياساپ چىققانلىقىنى، «لەنشىن» ناملىق بۇ ئەپنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى بىخەتەر تور خىزمەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگەانلىرى چىقارغان «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججەتلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن ئېلىنغان بىر تەدبىر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.