زىمبابوۋىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن پرېزىدېنت مۇگابى نەزەربەندكە ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س قاتارلىق ئاگېنتلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىمبابوۋىدا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان پرېزىدېنت روبېرت مۇگابې چارشەنبە كۈنى ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ رەھبىرى مورگېن سىۋانگىرايى ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە بۇ يىل 93 ياشقا كىرگەن پرېزىدېنت مۇگابىنىڭ دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مۇگابى بۇنى رەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتە بىر قىسىم ئارمىيە باشلىقلىرى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن بىر ھەيئەت بىلەن ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتىكى بۈگۈنكى خەۋەرلەردە يەنە زىمبابوۋىدا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتە خىتاينىڭ قولى بارلىقى ئىشارەت قىلىنماقتا. بۇ پىكىرنى ئەڭ ئاۋۋال «لوندون ۋاقتى گېزىتى» ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ سەيشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ھەربىي ئۆزگىرىش رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان گېنېرال كونستانتىنى چىۋەنگانىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتايغا بېرىپ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە خىتايدىن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارىتا ماقۇللۇق ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«تەقدىر» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ زىمبابوۋىدا نۇرغۇن مەبلىغى بار بولۇپ، يۇقىرىدىكى ۋەقە خىتاينىڭ چەتئەللەرگە سېلىۋاتقان زور مەبلىغى ۋە سودا ئالاقىلىرىنىڭ سىياسىي تەسىرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىغا بىر ياخشى مىسالى بولالايدىكەن.

«ۋاقىت» گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە يەنە زىمبابوۋىنىڭ ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى قاتتىق چىرىكلىك سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، زىمبابوۋىدىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىۈانلىقى ئېنىقسىز ئىكەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇگابىنىڭ ھوقۇقنى قايتا قولغا ئېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت