ئىتالىيەلىك ژۇرنالىست، «خەلقئارا ئائىلە خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ماركو رېسپېنتى 15-مارت ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماركو رېسپىنتى ماقالىسىدە ئامېرىكادىكى «نيۇلاينېز ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: خىتاينىڭ 1948-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىشىنى تەكشۈرۈش» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى ئانالىز قىلغان.
ماركو رېسپىنتىنىڭ تەكىتلىشىچە، «زىمىستان» ژۇرنىلى تارقىلىشقا باشلىغان 2018-يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا ئائىت دەلىللەرنى توپلاشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ كەلگەنلىكى، چۈنكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئۇنداق يېنىك ئىشلىتىدىغان سۆز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «نيۇلاينېز ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئاخىرى بۇ خۇلاسىنى چىقارغانلىقى، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاپ»، ئۇيغۇرلارنى «بىر ئۆسمە سۈپىتى» دە يوقىتىشقا كىرىشكەندىن بېرى بۇنى ئاڭلىتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماركۇ رېسپېنتى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ «بارلىق قانۇنى ئۆلچەم ۋە ئىنسانلارنىڭ تونۇشىدا بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى، بىراق «خىتاي دۇنيانىڭ تۇرغۇزغان بۇ قانۇنىي ئۆلچەملىرىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلامدۇ، خىتاي ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىن پەرقلىق بولامدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شېرىكى بولالامدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى قويغان.