«زىمىستان» تورى: «خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 6-7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئويلاشماقتا»

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئوقۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياش چەكلىمىسىنى تۆۋەنلىتىپ، 6-7 ياشلاردىكى بالىلىرىنىمۇ يۆتكەپ ئوقۇتۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى «خىتايلاشتۇرۇپ»، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزگەرتىش ئىكەن. خەۋەردە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ كىچىكى14 ياشتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ كىشىلەردە «بۇ خىل ئىمتىيازنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەت نېمە» دېگەن سوئال پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لياۋنىڭ يېزا-ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ بىر يېتەكچىسى، بۇ پىلاننىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ «دانا» پىكىرى ئىكەنلىكى، بۇ ئۇلارنىڭ «خىتايلىشىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، «ئاتا-ئانىلىرىنىڭ چاتاق تېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى»، «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچكىرىدە خىتايلار بىلەن بىللە ياشاپ، ئىسيان كۆتۈرۈشكە پېتىنالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە لياۋنىڭدىكى مەزكۇر مەكتەپتە 500 گە يېقىن ئۇيغۇر، قازاق بالىلار ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار قاتتىق كونترول قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى، دىنغا ئىشىنىشى، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدىكەن. بۇ مەكتەپتىكى بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋەزىپىنى رەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، «بۇنىڭ دۆلەت بەرگەن سىياسىي ۋەزىپە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى لياۋنىڭدىكىلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەن. تيەنجىندىكى بىر خىتاي يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭلىق بۇ بالىلار. . . ئوقۇتقۇچىسى ۋە) خىتاي( ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تونۇشى، قىممەت قارىشى، مەسىلىلەرگە قانداق ھۆكۈم قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدىغان بولىدۇ،» دېگەن. نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.